قۇرئان كەرىم » ئۇيغۇرچە » كىتابلار » روزىغا ئالاقىدار ئەھكاملار
روزىغا ئالاقىدار ئەھكاملار
روزىغا ئالاقىدار ئەھكاملار ناملىق بۇ رىسالىدە، رامىزان روزىسى ۋە نەپلە روزىلارغا دائىر بولغان بارلىق ئەھكاملار، روزىنىڭ ۋاجىب ۋە شەرتلىرى، سۈننەت ۋە مۇستەھەبلىرى، تەراۋىھ نامىزى، ئېتىكاپ ۋە سەدىقە پىتىر قاتارلىق رامىزان ئېيىدىكى مۇھىم ئەمەللەرنى قۇرئان سۈننەتنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ھالدا تەپسىلى بايان قىلىپ بېرىدۇ.يازما : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
Source : http://www.islamhouse.com/p/364897
كىتابلار
- قۇرئان كەرىم ھەقىقەت«قۇرئان كەرىم ھەقىقەت» ناملىق بۇ كىتاپ ئىلىم- پەننىڭ ھەر-خىل ساھەلىرىدە ئىختىساسلاشقان 14ئىلىم پەن خادىملىرى بىلەن بولغان، ئىلمى سۆھبەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سۆھبەتنىڭ مۇددىئاسى ئىسلام دىنىنىڭ ئىنسانىيەتنى ئىلىم-مەرىپەت ئۇگۇنىشكە پائال تەشەببۇس قىلغانلىقى ۋە تەبىئى پەن ھەقىقەتلىرى بىلەن ئىسلام دىنى ئوتتۇرىسىدا ئاتالمىش «توقۇنۇش»نىڭ ھەزگىزمۇ يوقلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى ئايەتلىرى 1400يىل ئىلگىرى ئىشارەت قىلىپ ئوتكەن ئىلمى ھەقىقەتلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىشتىن ئىبارەت.
يازما : شەيخ ئابدۇلمەجىد زەندانى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئەبۇ ئەكرەم ئەھمەد
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/53003
- ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى«ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى» بۇ قوللانما ھەج ۋە ئۆمرە قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان كىتاپلارنىڭ بىرىدۇر.ھەج مەۋسۇمىنىڭ يېقىنلاشقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەج ۋە ئۆمرە پائالىيىتىنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن ھالدا تاماملىشىنى كۆزدە تۇتۇپ تور بېكىتىمىزدە بۇ قوللانمىنى ئېلان قىلدۇق. بۇ قوللانمىدا، ھەج ۋە ئۆمرىنىڭ پەرز ۋاجىپ ۋە سۈننەتلىرى، ئىھرامدا چەكلەنگەن ئىشلار ، ھەج ۋە ئۆمرىگە ئائىت ئەھكاملارنى قۇرئان سۈننەتكە تايانغان ھالدا چۇشەندۇرۇپ بىرىدۇ.
يازما : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/63251
- شىرىن كالام (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى)«شىرىن كالام» ناملىق بۇ ئەسەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەرجىمىھالى بولۇپ، مەرھۇم داموللا سابىت ئابدۇلباقى ئوغلىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە مىراس قالدۇرغان مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن بىرى. بۇ ئەسەردە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە كىلىپ چىقىشى، ئۆسۇپ يېتىلىشى، پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى ۋە كىيىنكى ھاياتى، ئىسلام دىنىنى تارىتىشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى قاتارلىقلارنى روشەن بايان قىلىپ بىرىدۇ.
يازما : داموللا سابىت ئىبنى ئابدۇلباقى - داموللا سابىت ئىبنى ئابدۇلباقى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن
Source : http://www.islamhouse.com/p/69734
- ساغلام ئەقىدە ۋە ئۇنىڭغا زېت كىلىدىغان ئىشلارساغلام ئەقىدە ناملىق بۇ ئەسەر ئەللامە شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز نىڭ سۆزلىگەن نۈتۈقلىرىدىن بولۇپ ئۇنىڭدا ئەھل سۈننە ۋەلجەمائەنىڭ ئەقىدىسىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە ئەمەل ۋە ئىبادەت ساغلام ئەقىدە بىلەن بولسا توغرا ۋە قوبۇل بولىدىغانلىقىنى،ئەگەر ئەمەل ۋە ئىبادەت باتىل ئەقىدە بىلەن بولسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇ ئەمەل ۋە ئىبادەتنىڭ ھېچ ئەھمېيىتى يوقلىقىنى قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ھەدىسلەر بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە تەپسىلى بايان قىلىپ بىرىدۇ.
يازما : ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ئا.قارلۇقى - ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
Source : http://www.islamhouse.com/p/135995
- ھەقىقەتنىڭ ئېلانىھەقىقەتنىڭ ئېلانى, ناملىق بۇ كىتاب مۇندىن يۈز يىل ئىلگىرى ھىندۇستانلىق ئالىم رەھمەتۇللاھ ھىندىي دېگەن كىشىنىڭ قەلىمى بىلەن يېزىلغان 4 توملۇق كىتاب بولۇپ، تەۋرات ، ئىنجىل ۋە قۇرئان ھەققىدە تەپسىلى توختۇلۇپ، يەھۇدىي ۋە خرىستىئان مۇرتلىرىنىڭ سەپسەتىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى كىتابلىرىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك دەلىل-پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ كىتاب كېيىنچە 1تومغا قىسقارتىلغان. ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئەنە شۇ قىسقارتىلغان ئاخىرقى نۇسخىسىغا ئاساسەن ياش تەرجىمان دىنى زىيالى ژورنالىست مۇھەممەد يۇسۇپ ئەپەندىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى.
يازما : شەيىخ رەھمەتۇللاھ ھىندۈستانى - مۇھەممەد ئەھمەد مەلكاۋى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
Source : http://www.islamhouse.com/p/50694