قۇرئان كەرىم » ئۇيغۇرچە » كىتابلار » قۇرئان كەرىم تەپسىرى ـ تەپسىر ئىبنى كەسىر
قۇرئان كەرىم تەپسىرى ـ تەپسىر ئىبنى كەسىر
مەشھۇر مۇپەسسىر ئىبنى كەسىر تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە ھەممە جەھەتتىكى ساغلاملىقى، مۆتېدىللىقى ۋە ئاممىيبابلىقى بىلەن نەچچە ئەسىرلەردىن بىرى ئىسلام مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ يۈكسەك پەللىسىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان نادىر ئەسەر «قۇرئان كەرىم تەپسىرى ـ تەپسىر ئىبنى كەسىر» «ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى» تەرىپىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا تولۇق تەرجىمە قىلىندى. بۇ ئەسەر 4000 بەتتىن ئارتۇق ھەجىمگە ئىگە بولۇپ جەمئىي 6 توم، بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدىكى، توغرىسى پۇتۇن ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى، ھەجمى ئەڭ چوڭ ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.يازما : ئىمام ئىسمائېل ئىبنى ئومەر ئىبنى كەسىر
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئابدۇلغەنى ئابدۇل ئەزىز - مۆمىن جان - ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ - مۇھەممەد ئۆمەر - مۇھەممەد ئابدۇللاھ قارى - يۇسۇپ قارى - ئابدۇلھەمىد قاراجىم
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/48104
كىتابلار
- قۇرئان كەرىمنىڭ ئۈيغۇرچە تەرجىمىسى«قۇرئان كەرىمنىڭ ئۈيغۇرچە تەرجىمىسى» بۇ تەرجىمە ئۇيغۇر خەلقى بىلەن تۈنجى يۇز كۆرۇشكەن قۇرئان كەرىمنىڭ تولۇق تەرجىمىسى بولۇپ ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە قۇرئان ئىلىملىرىغا بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلمەكتە.
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : مۇھەممەد سالىھ قاراجىم
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : پادىشاھ پەھەدنىڭ قۇرئان كەرىم بېسىپ تارقىتىش ئورگىنى
Source : http://www.islamhouse.com/p/1501
- قۇرئان كەرىمدىكى تۆت ئاساسى تېرمىن«قۇرئان كەرىمدىكى تۆت ئاساسى تېرمىن» ناملىق بۇ ئەسەردە، قۇرئان كەرىمنىڭ تېرمىنولوگىيىلىك ئاتالغۇلىرى ئىچىدىن مۇسۇلماننىڭ بىلىۋېلىشى ئەڭ مۇھىم بولغان، ئىلاھ، رەب، دىن، ئىبادەتدىن ئىبارەت ئىسلامىي دەۋەتنىڭ ئاساسى بولغان مەزكۇر ئاتالغۇلارغا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ بۇ تېرمىنلارنى چۈشۈنىشتىكى بەزى خاتالىقلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئۆچۈق يورۇتۇپ بېرىدۇ.
يازما : پەزىلەتلىك شەيخ ئەبۇلئەلا مەۋدۇدى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : مېركامىلجان قەشقەرى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرياتى http://www.uyghurweb.net
Source : http://www.islamhouse.com/p/334055
- بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز(بالىلار ئۈچۈن)«بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز» ناملىق بۇ ئەسەر سۆيۇملۇك ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ، پەيغەەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كىلىشى، ئائىلە كىلىپ چىقىشى، ئوسمۇرلۇك دەۋرى، پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى ھاياتى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقى، ئەخلاقى، سەۋىرچانلىقى،كەمتەرلىكى، ئىنسانپەرۋەرلىكى...قاتارلىق پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىغا ئائىت، ياش ئۆسمۇرلەرنىڭ بىلىشى زورۇر دەپ قارالغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يازما : دوكتۇر ئىبراھىم سارىچام - سەۋگى قارا بۇلۇت - سۇئاۋى كامال يازگىچ - سوكى قارا بۇلۇت
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئا.مەجىد
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/53191
- ئائىلىدىكى تەربىيە مەنبەسى«ئائىلىدىكى تەربىيە مەنبەسى» بۇ ئەسەر ئائىلىدە پەرزەنتلىرىمىزگە ئىسلامى تەربىيەنى قانداق ئىلىپ بېرىش توغرىسىدا بىر نەچچە مۇھىم نۈقتىلارنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.1-ئىمانى تەربىيەگە چاقىرىش 2- ئەخلاقى تەربىيەگە چاقىرىش 3- نەپسى تەربىيەگە چاقىرىش 4- ئىجتىمائىي تەربىيەگە چاقىرىش 5- جىسمانى تەربىيەگە چاقىرىش 6- دىندا بىلىش مۇھىم دەپ قارالغان ئەھكاملارنى ئۆگۇتۇشكە چاقىرىش 7- ياخشىلىققا بۇيرۇپ ، يامانلىقتىن توسۇش ئىددىيسىگە يېتەكلەشكە چاقىرىش.
يازما : ئا.ئابدۇرەھمان خاقانى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/73366
- ئائىلە تەربىيەسى«ئائىلە تەربىيەسى»ناملىق بۇ ئەسەردە ئاپتۇر ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىن ۋە ئەخلاقتىن يىراق بەزى بىر ناچار قىلمىشلارغا دىئاگۆنز قويۇش بىلەن بىرگە، ئۇ ئىللەتلەرنى ئىسلاھ قىلىشتا يەنىلا ئاتا-ئانىلارنىڭ تۇرۇتكۈلۇك رول ئوينايدىغانلىقى،خۇسۇسەن ئەركىشىنىڭ ،ئايالى ۋە قىزلىرىنى تەربىيەلەشتىكى مەسئۇلىيىتىنىڭ ئىغىرلىقى، دىنى تەشۋىقات ۋە ئۇنىڭ ئىسلاھات ئىلىپ بىرىش يولىدىكى رولى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.
يازما : ئابدۇرەشىد قاراجىم ئبنى سابىت - ھاجى ئابدۇرەشىد قارى ئبنى سابىت
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/74693












